• جاگۇار I-Paceنىڭ يول سىنىقى جاسۇسلۇق سۈرىتى ئاشكارلاندى
  • يوللانغان ۋاقتى : 2016-11-25 مەنبەسى : كۆرۈلۈشى : 706 ئاپتۇرى :

سىنا تورى 22-نويابىر خەۋىرى،  يېقىندا چەتئەل مېدىيالىرى بىر گۇرۇپپا جاگۇار I-Pace تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلغان نۇسخىدىكى ماشىنا تىپىنىڭ يول سىناق ئوغرىلىقچە تارتىلغان سۈرىتىنى ئاشكارىلىدى، ئۇقۇم ئاپتوموبىلى ھېلىلا لوس ئانجىلىس ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە ئېلان قىلىنغان. I-Pace بولسا جاگۇارنىڭ تۇنجى نۇسخىدىكى ساپ توكلۇق SUV ماشىنا تىپى بولۇپ، 2018-يىلى رەسمىي بازارغا سىلىنىدۇ، رىقابەتچىسى تېسلا Model X.


جاگۇار I-Pace جاگۇار يېڭى ياساپ چىققان توكلۇق ئاپتوموبىل مودۇن سۇپىسىدا ياساپ چىقىلغان، سۈرەتتىكى ئاپتوموبىل تىپى گەرچە قىلىن نىقابلانغان بولسىمۇ، بىراق يەنىلا تۈركۈملەپ ئىشلەپ چىقىرىلغان ماشىنا تىپى بىر نومۇر كىچىك بولغان F-Paceغا تېخىمۇ ئوخشايدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ،ئومۇمىي گەۋدە لايىھەسىدە جاگۇارنىڭ ئۆزگىچە بولغان تەنھەرىكەت گېنىنى ساقلاپ قالغان.

ھەرىكەت كۈچى جەھەتتە، جاگۇار I-Paceغا ئىككى گۇرۇپپا ئېلېكتىر ماتور سەپلەنگەن، ئەڭ چوڭ ئۇنىۋېرسال قۇۋۋىتى 298kW، ئەڭ چوڭ بۇرۇلۇش مومنىتى 699Nm. لىتى ئىيونلۇق باتارېيەلەر گۇرۇپپىسىنىڭ سىغىمى 90kWh، تېز سۈرئەتتە زەرەتلەشنى ئىشلەتكەندە پەقەت ئىككى سائەتتىلا باتارېيەلەر گۇرۇپپىسىنى تولۇق زەرەتلەپ بولغىلى بولىدۇ. تولۇق زەرەتلىنىپ بولغاندىن كىيىنكى ئۈزلۈكسىز يۈرەلەيدىغان مۇساپىسى 354 كىلومېتىرغا يىتىدۇ.

كۆرۈش 300 300 لىك
ئاۋات ماشىنا تىپلىرى