• دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ئاۋدى Q5 ئاپتوموبىلى 2018-يىلى بازارغا سېلىنىدۇ
  • يوللانغان ۋاقتى : 2016-11-27 مەنبەسى : كۆرۈلۈشى : 722 ئاپتۇرى :

ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى خەۋىرى، يېقىندا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن ئىگىلىنىشىچە، بىرىنچى ئاپتوموبىل گۇرۇھى ۋولكسۋاگېن ئاۋدى شىركىتىنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد Q5 ئاپتوموبىلى 2018-يىلى بىرىنچى پەسىلدە دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلىپ بازارغا سېلىنىدىكەن. يېڭى ئاپتوموبىل ئاۋدىنىڭ ئەڭ يېڭى MLB EVO سۇپىسىدا ياسىلىدىغان بولۇپ، جۇڭگو ئىستېمالچىلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، خۇددى ئاۋدى A4كە ئوخشاش، چەتئەل نۇسخىسى ئاساسىدا ئاپتوموبىل گەۋدىسى ئۇزارتىلىشى مۇمكىن ئىكەن. 

سۈرەتتە: چەتئەل نۇسخىسىدىكى ئەڭ يېڭى Q5


تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتىن، يېڭى بىر ئەۋلاد Q5 غا ماترىسسا شەكىللىك پۈتۈن LED چوڭ چىراغ سەپلەنگەن بولۇپ، قوش L شەكىللىك ئىچكى قۇرۇلمىسى ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى يۈزىنى ناھايىتى ئۆزگىچىلىككە ئىگە قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى يۈزىگە جەمەت شەكلىدىكى ئالتە تەرەپلىك چوڭ ئېغىز شەكلىدىكى ھاۋا كىرىش رېشاتكىسى سەپلىنىپ، ئاۋدىنىڭ ئەڭ يېڭى لايىھە ئۇسلۇبىغا ماسلاشتۇرۇلغان. چەتئەل نۇسخىسىدىكى يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئۇزۇنلۇق، كەڭلىك، ئېگىزلىكى 4660/1890/1660mm، ئوق ئارىلىقى 2820mm بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى ۋە ئوق ئارىلىقى كونا نۇسخىغا قارىغاندا ئۇزارتىلغان. 

سۈرەتتە: چەتئەل نۇسخىسىدىكى ئەڭ يېڭى Q5


قۇيرۇق قىسىمىغا قارايدىغان بولساق، يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ قۇيرۇق قىسىمىنىڭ كۆرۈنۈشى تېخىمۇ كەڭ بولۇپ، پۈتۈن LED چىراغ گۇرۇپپىسى كونا نۇسخىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئۆزگىچە. ئارقا بىخەتەرلىك لىمىنىڭ لايىھەسى يېڭى Q7غا ئوخشاپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئېغىرلىقى كونا نۇسخىغا قارىغاندا يېنىكلىتىلگەن، بىراق ئاپتوموبىل گەۋدىسىنىڭ ئۆرۈلۈشكە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ئاشۇرۇلغان. 

سۈرەتتە: چەتئەل نۇسخىسىدىكى ئەڭ يېڭى Q5


ئىچكى بېزەك جەھەتتىن، پۈتۈنلەي يېڭى ئاۋدى Q5نىڭ ئىچكى بېزەكلىرىگە ئاۋدىنىڭ ئەڭ يېڭى لايىھە ئۇسلۇبى قوللىنىلغان بولۇپ، ئومۇمىي كۆرۈنۈش تۇيغۇسى تېخىمۇ ئاددىي. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېڭى ئاپتوموبىلغا ئۈچ بالداقلىق ئاستى تۈز رول سەپلەنگەن بولۇپ، رول ئىسسىتىش ئىقتىدارى قوشۇلغان. بۇنىڭدىن سىرت، 8.3 دىيۇملۇق كۆپ مېدىيالىق ئېكران، MMI Plus كۆپ مېدىيا سىستېمىسى ۋە پۈتۈن سۇيۇق كىرىستاللىق كۆرسىتىش سائەتلىرى سەپلىنىپ، Q5نىڭ ئىچكى بېزەكلىرىنى تېخىمۇ پەن-تېخنىكا تۇيغۇسىغا ئىگە قىلغان. 

ھەرىكەت كۈچى جەھەتتىن، دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان يېڭى Q5غا EA888 تىپلىق 2.0TFSI ماتور سەپلىنىشى مۇمكىن بولۇپ، بۇ ماتورنىڭ ئەڭ يېڭى ئاۋدى A4Lدىكى قۇۋۋىتى 252 ئات كۈچى. بۇنىڭدىن سىرت، يېڭى ئاپتوموبىلغا يەنە ئاۋدىنىڭ ئەڭ يېڭى quattro ultra تۆت چاق قوزغىلىش سىستېمىسى سەپلىنىدىكەن.


كۆرۈش 300 300 لىك
ئاۋات ماشىنا تىپلىرى