• جۇڭگودا ئىشلەنگەن گولف GTIنىڭ يوشۇرۇن تارتىلغان سۈرىتى ئاشكارلاندى
  • يوللانغان ۋاقتى : 2016-12-24 مەنبەسى : كۆرۈلۈشى : 1100 ئاپتۇرى :

سىنا تورى 18-دېكابىر خەۋىرى،

يېقىندا، بىرىنچى ئاپتوموبىل گۇرۇھى ۋولكسۋاگېن يېڭى نۇسخىدىكى گولف GTIنىڭ يول سىنىقى يوشۇرۇن تارتىلغان بىر گۇرۇپپا سۈرىتى ئاشكارىلاندى. يېڭى ئاپتوموبىل ئوتتۇرا مەزگىللىك ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىدىكى ئاپتوموبىل تىپى بولۇش سۈپىتى بىلەن، سىرتقى قىياپىتى ۋە ئىچكى بېزىكى جەھەتلەردە دەرىجە كۆتۈرۈلگەن.

يېڭى نۇسخىدىكى گولف GTIنىڭ سىرتقى قىياپىتى ئاساسى جەھەتتىن ھازىرقى نۇسخىدىكى ئاپتوموبىل تىپىنىڭ لايىھە ئۇسلۇبىنى داۋاملاشتۇرغان، بىراق ئالدى چوڭ چىراغلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئىچىدىكى LED كۈندۈزلۈك يول يۈرۈش چىرىغى قايتىدىن لايىھەلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ياسىلىش تىپى ئۆزگىچە بەش شادىلىق چاق بۇلى ۋە ئىككى تەرەپتە ئىككىدىن چىقىرىلغان گاز چىقىرىش ئورۇنلاشتۇرۇشىمۇ مەزكۇر ئاپتوموبىلغا تەنھەرىكەت پۇرىقىنى قوشقان.


ئىچكى بېزەك جەھەتتە، يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ مەركىزىي كونترول سۇپىسىغا ئەڭ يېڭى مېدىيا سىستېمىسى سەپلەنگەن، بىراق ھاۋا تەڭشىگۈچ كونترول رايونى ھازىرقى نۇسخىدىكى ئاپتوموبىل تىپى بىلەن پۈتۈنلەي بىردەك. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، مەزكۇر ئاپتوموبىلغا يەنە پۈتۈن سۇيۇق كىرىستاللىق پىرىبور دىسكىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ پەن-تېخنىكىلىق ھېسسىياتىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرگەن.

ھازىرغا قەدەر، يېڭى نۇسخىدىكى گولف GTIنىڭ ھەرىكەت كۈچىگە ئالاقىدار تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلار يوق، بىراق مۆلچەرلىنىشچە، يېڭى ئاپتوموبىلغا ۋاكالەت نومۇرى EA888 بولغان 2.0Tلىق ماتور داۋاملىق ئىشلىتىلىشى، ھەرىكەت كۈچى تەڭشىلىشى مۇئەييەن دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى مۇمكىن.

كۆرۈش 300 300 لىك
ئاۋات ماشىنا تىپلىرى