• ۋولكىسۋاگېن ئامېرىكا دىزېل يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىل بازىرىدىن چېكىنىدۇ
  • يوللانغان ۋاقتى : 2016-11-25 مەنبەسى : كۆرۈلۈشى : 468 ئاپتۇرى :

بېتا تورىنىڭ 24-نويابىردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ۋولكىسۋاگېن ئاپتوموبىل (Volkswagen) ماركىسىنىڭ باشقۇرغۇچىسى Herbert Diess گېرمانىيە گېزىتى «Handelsblatt»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋاقىتتا، دىزېل ماتورلۇق ئاپتوموبىللىرىنى ئامېرىكا بازىرىدىن چېكىندۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى ھەمدە ئامېرىكىدا تەنھەرىكەت تىپىدىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى (تەنھەرىكەت تىپىدىكى ساياھەت ئاپتوموبىلى، SUV) ۋە توكلۇق ئاپتوموبىلنى مەركەزلىك ساتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. دىزېل ماتورلۇق ئاپتوموبىل ئامېرىكىدىكى ئاپتوموبىل سېتىلىش مىقدارىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، ئەمما بۇ شىركەت «بۇلغىما قويۇپ بېرىش سەتچىلىكى»نىڭ تەسىرىدىن كېيىن، نۆۋەتتە ئۆزىنىڭ يادرولۇق ماركىسىنىڭ ئامېرىكىدىكى ئىستىراتېگىيەسىنى قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇۋاتىدۇ. 

ۋولكىسۋاگېن شىركىتى «بۇلغىما قويۇپ بېرىش سىنىقىدا ھىيلە ئىشلەتكەن» دەپ ئەيىبلىنىپ، ئامېرىكا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى تەرىپىدىن جەرىمانە قويۇلغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامېرىكىدىكى ئىستېمالچىلارغا تۆلەم بەرگەنىدى. بۇ قېتىم سەۋەنلىك كۆرۈلگەن كەسپى بۇرۇن ئامېرىكىدىكى سېتىلىش مىقدارىنىڭ تۆتىن بىرىنى ئىگىلىگەن، ۋولكىسۋاگېن 2020-يىلى دۇنيا مىقياسىدا 19 خىل SUVنى چىقىرىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە توكلۇق ئاپتوموبىل تىپىمۇ بار. بۇ شىركەت 2025-يىلى بىر مىليون دانە توكلۇق ئاپتوموبىل سېتىشنى پىلانلىدى. 

كۆرۈش 300 300 لىك
ئاۋات ماشىنا تىپلىرى