• لېكساس UX ئاپتوموبىلى ئاسىيادا تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىندى
  • يوللانغان ۋاقتى : 2016-11-25 مەنبەسى : كۆرۈلۈشى : 788 ئاپتۇرى :

ۋاڭيى تورى ئاپتوموبىل قانىلى خەۋىرى،

2016-يىللىق گۇاڭجۇ ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە لېكساس ئۆز قارمىدىكى كىچىك تىپلىق SUV ئاپتوموبىلى UXنى ئاسىيادا تۇنجى قېتىم ئېلان قىلدى، مەزكۇر ئاپتوموبىل بۇ يىللىق پارىژ ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە تۇنجى قېتىم نامايان بولغان ئىدى.

لېكساس UX كىچىك تىپتىكى SUV ئاپتوموبىلى دەپ بېكىتىلگەن، كەلگۈسىدىكى رىقابەتچىسى ئاۋدى Q3، بېنىز GLA قاتارلىقلار دەپ قارالدى. تاشقى قىياپەت جەھەتتە يېڭى ئاپتوموبىلدىكى ئەڭ چوڭ يارقىن نۇقتا «بىنەپشە خرۇستال» سىر ئىشلەتكەنلىكىدە، بۇ خىل ئاپتوموبىل سىرى ئوخشىمىغان نۇقتىدىن چىراغ نۇرى بىلەن يورۇقلۇق چۈشۈرگەندە، ماشىنا گەۋدىسىنىڭ رەڭگى قاتلامسىمان تۇيغۇغا ئىگە بولىدۇ، بۇ مەزكۇر ئاپتوموبىلنىڭ ھەرىكەت تۇيغۇسىدىكى سىزىقلىق لايىھە بىلەن بىرىكىپ كەتكەن.

ماشىنا گەۋدىسىنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى يارقىن نۇقتا بولسا پۈتكۈل قۇيرۇق چىراغ ئوتتۇرىدىن تۇتاشقان، پۈتكۈل گەۋدىسى «U» شەكىللىك ھاسىل قىلغان، ياسىلىشى يېڭىچە ھەمدە لايىھە تۇيغۇسى يېتەرلىك.

ماشىنا گەۋدىسىنىڭ يېنىغا سىيرىلما ياسىلىش تىپى قوللىنىلغان، ھەرىكەت تۇيغۇسى تېخىمۇ كۈچلۈك، پۈتكۈل ماشىنىنىڭ سالاپىتى بىلەن ماسلاشقان. 

 

كۆرۈش 300 300 لىك
ئاۋات ماشىنا تىپلىرى